شياۋمى مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكۈچى كېلىشىمى

شياۋمى پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« شياۋمى» دېيىلىدۇ) بۇ يەردە ئابۇنىتلارنىڭ بۇ« شياۋمى مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلەتكۈچى كېلىشىمى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« بۇ كېلىشىم» دېيىلىدۇ) نى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تولۇق چۈشىنىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.ئىشلەتكۈچىلەر بۇ كېلىشىمدىكى ھەر قايسى ماددىلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تولۇق چۈشىنىشى، بولۇپمۇ تېرىق جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى چەكلەش، تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ۋە قانۇننى تەدبىقلاشقا چېتىلىدىغان ماددىلارنى تولۇق چۈشىنىشى كېرەك.جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى چەكلەش ماددىلىرىغا يىرىك بەلگە قويۇلىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر نۇقتىلىق ئوقۇشى كېرەك.ئىشلەتكۈچىلەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوقۇش ھەمدە بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىق (قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوقۇشى كېرەك) نى تاللىشى كېرەك.ئابونتلارنىڭ شىياۋمى ئۈسكۈنىسى ئىشلىتىش ياكى شياۋمى مەشغۇلات سىستېمىسى ئارقىلىق يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ قوبۇل قىلىنىشى دەپ قارىلىدۇ، ھەمدە مەزكۇر كېلىشىمدىكى تۈرلۈك ماددىلارنىڭ چەكلىمىسىنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلىدۇ.ئەگەر ئىشلەتكۈچى بۇ كېلىشىمگە قوشۇلمىسا، ھەرقانداق شياۋمى ئۈسكۈنىسى ياكى سىستېما، يۇمشاق دىتالىنى ئىشلەتمەڭ.شياۋمىنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى بار، يېڭىلىغاندىن كېيىنكى كېلىشىم ماددىلىرى شياۋمى ئۈسكۈنىسى ۋە ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

1. ئومۇمىي پىرىنسىپ

1.1. شياۋمى مەشغۇلات سىستېمىسى(سىستېما مۇلازىمىتى ۋە دىتالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،تەپسىلاتىنى قوشۇمچە بىردىن كۆرۈڭ) بولسا، شياۋمى ئۆزى تەتقىق قىلغان Android نى ئىچكىرىلەپ تۈزۈپ چىققان مەشغۇلات سىستېمىسى،بۇ دىتالنىڭ بارلىق مۇلازىمەت ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقى شياۋمىغا تەۋە.

1.2. بۇ كېلىشىم بولسا ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن شياۋمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر ھەمدە تىجارەت ھەمكارلىق ئورۇنلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« ھەمكارلىق ئورۇنلىرى» دېيىلىدۇ) ئارىسىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ (قائىدىسىنى1.3دىن كۆرۈڭ) مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا تۈزگەن كېلىشىم.

1.3. بۇ دىتال ۋە مۇلازىمەت بولسا شياۋمى تەمىنلىگەن كۆچمە تېرمىنال دىتال ۋە مۇلازىمىتى،ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى:

1.3.1. شياۋمى ئۈسكۈنىسى بىلەن بىرگە ئىشلەتكۈچىگە شياۋمى مەشغۇلات سىستېمىسى تەمىنلەيدۇ، شياۋمى ئۈسكۈنىسىدىكى كود ۋە باشقا كىرگۈزۈلگەن ئەپ دىتال،ھۆججەت،كۆرۈنمە يۈز،مەزمۇن،خەت شەكلى ۋە ھەرقانداق شياۋمى ياكى نەشىر قوغداش ھوقۇقىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1.3.2. يۇقارقى بەلگىلىمىلەردە دېيىلگەن ئەپنىڭ يېڭىلىنىشى ياكى نەشىرنى يېڭىلاش.

1.3.3. ئېچىش يۇمشاق دىتالى.شىياۋمى ئۈسكۈنىسىدە يەنە ئۈچىنچى تەرەپ نەشىر ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھەمدە ئۈچىنچى تەرەپ مەنبە يۇمشاق دېتال ئىجازەتنامىسى بېرىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇشى مۇمكىن.بۇ خىلدىكى مەنبە ئېچىش يۇمشاق دېتالى ئۈسكۈنىلەر تەمىنلىگەن ئىجازەتنامە ئۇچۇرى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ، بۇ ئۇچۇرلار يەنە ھەرقايسى بۆلەكلەرگە ماس كېلىدىغان مەنبە ئېچىش يۇمشاق دېتالى ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.شۇڭا، ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ئوچۇق مەنبەلىك يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكەندە، ئوچۇق مەنبەلىك يۇمشاق دېتال ئىجازەتنامىسىنىڭ ماددىلىرى ۋە شەرتلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.بۇ كېلىشىم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇ خىل دەسلەپكى يۇمشاق دېتال ئىجازەتنامىسىگە ئاساسەن بەھرىمان بولىدىغان ھەرقانداق ھوقۇق ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.ئەگەر بۇ كېلىشىمدە بايان قىلىنغان ئىجازەت شەرتى بىلەن ئېچىش يۇمشاق دېتال ئىجازەتنامىسىدىكى ئېچىش يۇمشاق دېتالىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇندا ھەرقانداق توقۇنۇش مەۋجۇت بولسا، ئېچىش يۇمشاق دېتال ئىجازەتنامىسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

1.4. ئىشلەتكۈچى شۇنى بىلىشى كېرەككى،شياۋمى پەقەت ئىشلەتكۈچى ئۈچۈنلا بۇ دىتالغا ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ،بۇنىڭدىن باشقا بۇ دىتال ۋە مۇلازىمەتكە ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەققىنى (مەسىلەن تېرمىنال ھەققى،تورغا ئۇلاش ئۈچۈن تۆلىگەن تور ھەققى) ئىشلەتكۈچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. يەنە، ئىشلەتكۈچى بۇ دىتال ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە ئۈسكۈنىنىڭ ئېقىم مىقدارى،تورى قاتارلىق مەنبەلەرنى سەرپ قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابۇنىچى مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئابۇنىچىلىرى تېرمىنالى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتكەندە ئابۇنىچىنىڭ ئۈسكۈنىسى، بەلباغ كەڭلىكى، ئېقىم مىقدارى قاتارلىق مەنبەلىرىنى خورىتىدۇ.

2. دىتال ھوقۇقلاندۇرۇش دائىرىسى

2.1. شياۋمى بۇ دىتال ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىگە شەخسىي،ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى بولمايدىغان، ھوقۇقلاندۇرغىلى بولمايدىغان يەككە قىلىشقا بولمايدىغان رۇخسەتنى بېرىدۇ.

2.2. ئابۇنتلار غەيرىي سودا مەقسىتى ئۈچۈن شىياۋمى ئۈسكۈنە ئۇچىغا مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى قاچىلىسا، ئىشلەتسە، كۆرسەتسە، ئىجرا قىلسا بولىدۇ.لېكىن ئىشلەتكۈچىلەر سودا تىجارىتى مەقسىتى ئۈچۈن مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئورناتسا، ئىشلەتسە، ئىجرا قىلسا بولمايدۇ، مەزكۇر يۇمشاق دېتال ياكى مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ھەرقانداق تېرمىنال ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسىغا قويۇپ بەرگەن سانلىق مەلۇمات ھەمدە مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئابۇنىچىلار تېرمىنالى بىلەن مۇلازىمىتېر ئۇچىدىكى ئۆزگىرىشچان سانلىق مەلۇماتلارنى نۇسخىلاپ، ئۆزگەرتىپ، ئېسىپ قويسا ياكى ھەرقانداق تۇغۇندى ئەسەرنى ئىجاد قىلسا بولمايدۇ، شەكلى قىستۇرما، سىرتتىن ئاسقان ياكى ھوقۇق بېرىلمىگەن ئۈچىنچى تەرەپ قورالى، مۇلازىمەت مەزكۇر يۇمشاق دېتالى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىستېمىنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئەگەر سودا خاراكتېرلىك سېتىش، كۆپەيتىش ۋە تارقىتىشقا توغرا كەلسە، مەسىلەن، يۇمشاق دېتالنى ئالدىن قاچىلاش ۋە باغلاشقا توغرا كەلسە، چوقۇم شياۋمىنىڭ يازما ھوقۇق بېرىشى ۋە ئىجازىتىگە ئېرىشىش كېرەك.

2.3. شياۋمىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر بۇ يۇمشاق دېتالنى شياۋمىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىغان مۇلازىمەت ۋە باشقا تېرمىنال ئۈسكۈنىسىگە ئورناتسا بولمايدۇ.

2.4.«ئىشلەتكۈچى كېلىشىمى» نىڭ ھوقۇقلاندۇرۇشىدىن باشقا، شياۋمى باشقا ھوقۇقلارنى ئىشلەتكۈچىگە بەرمىگەن،ئەگەر باشقا ھوقۇقلارنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز شياۋمىنىڭ قوشۇلىشىغا ئېرىشىشىڭىز كېرەك.

3. سىستېما يېڭىلاش

3.1. ئىشلەتكۈچى سىنىقى،مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ياخشىلاش ئۈچۈن،شياۋمىنىڭ قەرەلسىز ھالدا ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن دىتال ئالامشتۇرۇش،ئۆزگەرتىش،نەشىرىنى يېڭىلاشنى تەمىنلەش ھوقۇقى بار،بۇ ئەپ ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن"يېڭىلاش ئەسكەرتىشى"نى ئاچقان،ئىشلەتكەن دىتال نەشرىگە قاراپ،بۇ ئىقتىدارنى ئېچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شياۋمى كونا نەشىردىكى ئەپنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىشچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلمايدۇ.دىتال يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شياۋمى كونا نەشىردىكى ئەپ دىتالىنىڭ داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

4. ئىشلەتكۈچى ھېساباتىغا تىزىملىتىش ۋە كىرىش

4.1. بۇ ئەپ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتمەكچى بولسا بەلكىم شياۋمى ھېساباتىغا تىزىملىتىشى كېرەك، ئىشلەتكۈچىنىڭ شياۋمى ھېساباتىنى تىزىملىتىشى، ئىشلىتىش قىلمىشى «شياۋمى ھېساباتىنى ئىشلىتىش كېلىشىمى» گە بويسۇنىشى كېرەك.

5. سىستېما يۇمشاق دىتالى ۋە مۇلازىمىتى

5.1. ئابونىت توركۆرگۈ،مۇزىكا،باغاقچە،ئۈنئالغۇ،كومپاس،كۆكچىش،ئېكران سىنلاش،ھۆججەت باشقۇرغۇچ،تېلېفون،قىزىق لىنىيە مۇلازىمىتى،ئالاقىلاشقۇچى،قىسقا ئۇچۇر،كالېندار،ھاۋارايى،سائەت،ئالبوم،كامېرا قاتارلىق سىستېما ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلەتسە بولىدۇ،قىسمەن دىتال ۋە مۇلازىمەت تىزىملىكىنى قوشۇمچە بىر دىن كۆرۈڭ.

5.2. قىسمەن سىستېما ئەپى ياكى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئورۇن بەلگىلەش، كۆكچىش ياكى سانلىق مەلۇمات تورىنى ئېچىش كېرەك، بۇ قىسمەن ئىقتىدارنى ئىشلەتسە ئىشلەتكۈچىنى ئورۇن بەلگىلەش،كۆكچىش ياكى سانلىق مەلۇمات تورىنى ئېچىشقا قوشۇلدى دەپ قارىلىدۇ.

5.3. قىسمەن سىستېما دىتالى ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئايرىم ئىشلەتكۈچى كېلىشىمى ۋە باشقا مۇلازىمەت قائىدىسى قاتارلىقلار بار،ئىشلەتكۈچى بۇلارنى ئېچىشتىن بۇرۇن ئوقۇپ قوشۇلسا بولىدۇ.

5.4. شياۋمى بەلكىم قەرەلسىز ھالدا تورخەت، قىسقا ئۇچۇر،push قاتارلىق شەكىللەردە، ئىشلەتكۈچىلەرگە تەۋسىيە ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىشى مۇمكىن، ئەگەر رەت قىلسىڭىز، ئالاقىدار مودۇلدىن تاقىۋەتسىڭىز ياكى زاكاس قىلىشنى قايتۇرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

5.5. شياۋمى تاختا كومپىيۇتېر/ يانفون غوجىدارىنىڭ ئىچىگە قوللىنىشچان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئورناتقان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى خەتەرلىك ئۈچىنچى تەرەپ قوللىنىشىنىڭ دەخلىسىگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈسكۈنىلىرىگە قاچىلىنىدىغان قوللىنىشچان ئۇچۇرلارنى ھەمدە سىستېما ئىچىدە چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىغان تور ئادرېسىنى ئوقۇيالايدۇ.شياۋمى «شياۋمى ئاچقۇچىلار ئېكولوگىيە سىياسىتى» بويىچە ئەپنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.ئەگەر ئەپ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدە تەكشۈرۈلگەن ئەپلەر «شياۋمى ئاچقۇچىلار ئېكولوگىيە سىياسىتى» گە ماس كەلمىسە، مەسىلەن ئىشلەتكۈچىلەر چۈشۈرگەن، قاچىلىغان مەلۇم ئەپلەردە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈسكۈنە، سانلىق مەلۇمات، شەخسىي مەخپىيەتلىك ياكى ئىشلەتكۈچى مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كەلسە، شياۋمى بۇ ئەپنى قاچىلاش، يېڭىلاش، ئېچىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا ئىشلەتكۈچىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، ھەمدە ئىشلەتكۈچىگە مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بىلدۈرۈپ، ئىشلەتكۈچىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ.

6. ئىشلىتىش قائىدىسى

6.1. ئىشلەتكۈچى قانۇن ۋە بۇ كېلىشىمگە بويسۇنغان ئاساستا بۇ دىتال ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلەتسە بولىدۇ،ئىشلەتكۈچى تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى قىلسا بولمايدۇ:

6.1.1. بۇ دىتال ۋە باشقا قوشۇمچىدىكى بارلىق نەشىرگە ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈش،ياكى بۇ دىتالنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تەڭشەلگەن تېخنىكىلىق تەدبىرىدىن قېچىش،ئۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار.

6.1.2. بۇ دىتالغا قارىتا تەتۈر ئېنژىنىرلىق قىلىش،مەسىلەن تەتۈر تەھرىرلەش،ۋە باشقا ئۇسۇلدا دىتال كودىغا ئېرىشىش.

6.1.3. دىتالدا ئىجرا بولغان بۇيرۇقنى ئۆزگەرتىش ياكى ساختىلق قىلىش،دىتال ئىقتىدارىنى ياكى ئۈنۈمىنى ئۆزگەرتىش، ئۆچۈرۈش، ياكى يۇقارقى دىتاللارنى ئاممىغا ياكى يۈرۈتكۈچىگە تارقىتىش؛مەيلى بۇ قىلمىشلار سوددا مۇددىئاسى بولسۇن بولمىسۇن

6.1.4. بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ ئېلىپ بارغان ھەرقانداق تور بىخەتەرلىكىگە خىلاپ قىلمىش،تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ: يول قويۇلمىغان مۇلازىمېتى ياكى ھېسابات ياكى سانلىق مەلۇماتقا كىرىش؛رۇخسەتسىز ئاممىۋى تورغا ياكى باشقىلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا كىرىپ ئۆچۈرۈش،ئۆزگەرتىش،ساقلانما ئۇچۇرىنى كۆپەيتىش؛رۇخسەتسىز سىىستېما ۋە تورنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى تەكشۈرۈش،سىناق قىلىش ياكى باشقا قىلمىشلار ئارقىلىق تور بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛يالغاندىن TCP/IP سانلىق مەلۇماتى بوغچىسى ئىسمى ياكى قىسمەن ئىسىم ياساش.

6.1.5. ئىشلەتكۈچى شياۋمى شىركىتى ئىجاد قىلمىغان،رۇخسەت قىلمىغان ياكى ئېتراب قىلمىغان ئۈچىنچى تەرەپ ماسلاشتۇرۇش دىتالىنى ئىشلىتىپ،سىستېمىغا كىرىپ ياكى بۇ دىتال ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ،يۇقارقى قوراللانى ياساش،ئېلان قىلىش،تارىتىش.

6.1.6. شياۋمىنىڭ يۈزتۇرانە قوشۇلىشىنى ئالماي تۇرۇپ،ئىشلەتكۈچى دىتال ۋە ئىچىدىكى ئۇچۇرنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردا ئىشلىتىش: ئىجارە بېرىش،بېرىپ تۇرۇش،كۆچۈرۈش،ئۆزگەرتىش،ئۇلانما،تاقىتىش،تەھرىرلەش،ئېلان قىلىش،نەشىر قىلىش،بېكەت قۇرۇش بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ باشقا يول قويۇلمىغان قىلمىشلارنى قىلىش.

6.1.7. بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ شۇ يەرلىك دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ مەزمۇننى ئېلان قىلىش،تارقىتىش،يوللاش ساقلاش.

6.1.8. بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى،سودا مەخپىيىتى قاتارلىقلارغا دەخلى قىلىش،تارقىتىش،يوللاش.

6.1.9. بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ ئېلان ئۇچۇرى ۋە ئەخلەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش،يوللاش،تارقىتىش.

6.1.10. قانۇنغا خىلاپ،قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھالدا ھەمدە بۇ كېلىشىمدە رۇخسەت قىلمىغان ئۇسۇلدا بۇ دىتال ۋە شياۋمىنىڭ باشقا مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش.

6.2. ئۇچۇر ئېلان قىلىش نىزامى

6.2.1. ئىشلەتكۈچى بۇ دىتال ئارقىلىق ئۇچۇر ئېلان قىلغاندا شۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،تارقاتقان مەزمۇننىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ياكى قانۇنلۇق ھوقۇقلاندۇرۇشقا ئېرىشكەن،بۇ دىتال ۋە مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندىكى قىلمىشى ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە دەخلى قىلمىغان بولىشى كېرەك.

6.2.2. ئىشلەتكۈچى بۇ دىتالنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ، ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى لېكىن چەكلەنمەيدىغىنى:

6.2.2.1. شۇ يەرلىك دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ مەزمۇنلارنى ياساش، كۆچۈرۈش،ئېلان قىلىش،تارقىتىش.

6.2.2.2. باشقىلارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقى،سۈرەت ھوقۇقى،بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى،سودا مەخپىيىتى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇننى يوللاش،ساقلاش،تارقىتىش قاتارلىقلار.

6.2.2.3. ھەقىقىيلىكنى يوشۇرۇپ،باشقىلارغا خاتا باشلامچىلىق قىلىپ،باشقىلارنى ئالداش.

6.2.2.4. ئېلان ئۇچۇرى ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تارقىتىش،ئېلان قىلىش.

6.2.2.5. شۇ يەرلىك نىزامىغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

6.2.3. شياۋمىنىڭ رۇخسىتىسىز،ئىشلەتكۈچى بۇ دىتال ئارقىلىق ئېلان بېرىش،سودا قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

6.3. ئىشلەتكۈچى چۈشىنىشى ۋە قوشۇلىشى كېرەككى:

6.3.1. شياۋمى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۇقارقى قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا قارىتا دەلىلىلەپ،نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىشلىتىش رۇخسىتىنى توختىتىدۇ ياكى چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ.

6.3.2. دىتال ئىشلىتىش جەريانىدا ئېلان قىلغان قانۇنغا خىلاپ ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ئۇچۇرنى، شياۋمى بىۋاستە ئۆچۈرىۋېتىدۇ.

6.3.3. ئىشلەتكۈچى يۇقارقىلارغا خىلاپلىق قىلىپ ئۈچۈنچى تەرەپنى زىيانغا ئۇچراتسا،ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ نامىدا قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى،ھەمدە شياۋمىدىن بۇ زىياندىن ۋە ئارتۇقچە چىقىمدىن بىكار قىلىش كېرەك.

6.3.4. ئەگەر ئىشلەتكۈچى ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ،شياۋمىنى زىيانغا ئۇچراتسا،ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىشىنى ئېلىپ كەلسە،ياكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىسا،ئىشلەتكۈچى شياۋمىغا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە ھەقنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

7. ئۈچىنچى تەرەپ ئىقتىدارى/مۇلازىمەت چۈشەندۈرۈلىشى

7.1. ئىشلەتكۈچى چۈشىنىشى ۋە قوشۇلىشى كېرەككى،بۇ دىتالدا شياۋمىغا باغلىنىشلىق ياكى ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن ئىقتىدار ياكى مۇلازىمەت بولىشى مۇمكىن،شياۋمى پەقەت قولايلىق بولسۇن دەپ بۇ مودىل ۋە ئۈچىنچى تەرەپ كىرىش ئېغىزىنى تەمىنلىگەن.

7.2. مەيلى ئۈچىنچى تەرەپ ئىقتىدارى ياكى مۇلازىمەت بولسۇن بۇ دىتال مۇلازىمىتىگە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان،يەنىلا ئىشلەتكۈچى ئۆزى ئاچىدۇ ياكى مۇشتەرى بولىدۇ،ئىشلەتكۈچى شۇنى بىلىشى ۋە قوشۇلىشى كېرەككى،شياۋمى ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەت،ئىشلەتكۈچى قىلمىشىنىڭ قانۇنلۇق،ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا ئېنىق كاپالەت بەرمەيدۇ.

7.3.ئىشلەتكۈچى ۋە ئۈچىنچى تەرەپ تېخنىكا ياكى مۇلازىمىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش تارتىشقا قارىتا بۇلار ئۆز ئارا كېلىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك،شياۋمى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولمايدۇ.

8. شەخسىيەت سىياسىتى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش

8.1. شياۋمى مەزكۇر مەھسۇلات شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسىيىتىنى قوغدايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ، تەپسىلاتىنى :https://privacy.mi.com/all/ug_CN/ دىن كۆرۈڭ.

9. خىلاپلىق جاۋابكارلىقى

9.1. شياۋمىنىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ قىلمىشىنىڭ بۇ مۇلازىمەت كېلىشىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بار،ئەگەر ئىشلەتكۈچىنى ئالاقىدار قانۇن نىزامىغا ياكى بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىسا،خىلاپ قىلمىشنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىتا ئىشلەتكۈچىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ئۇچۇرى ئۆچۈرۈلۈپ،بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشى چەكلىنىدۇ، ياكى ئۆمۈرلۈك توختىتىلىدۇ. ئوخشىمىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر شياۋمى ھەرقانداق زىيانغا ئۇچرىسا، ئىشلەتكۈچى بارلىق مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولىدۇ.ئەگەر شياۋمىنى ھەر قانداق زىيانغا ئۇچراتسا (ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىشى ياكى ھەر قانداق مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ جازاسى بىلەن چەكلەنمەيدۇ) ، ئىشلەتكۈچىلەر بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

10. مۇلازىمەت خەۋپى ۋە جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش باياناتى

10.1. شياۋمى نۆۋەتتىكى تېخنىكىسى ئارقىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.شىياۋمى مەزكۇر يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىنىڭ مەشغۇلات جەھەتتە ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ياكى خاتالىق سادىر قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلمايدۇ، مەزكۇر يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىدىكى بارلىق نۇقسانلارنى تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلمايدۇ، ھەم مەزكۇر يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بارلىق تەلىپىنى قاندۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە، شياۋمى ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئىگە بولمايدۇ.

10.2. ئىشلەتكۈچى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئالاقە لىنىيىسى كاشىلىسى،تېخنىكا مەسىلىسى،تور،كومپىيۇتېر تېرمىنالى كاشىلىسى،سىستېما مۇقىم بولماسلىق ۋە باشقا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەبلىك ئۇچرىغان بارلىق زىيانغا،شياۋمى ۋە ھەمكارلاشقۇچى ئورگان مەسئۇل بولمايدۇ.

10.3. شياۋمى بۇ دىتال ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇر مەزمۇنىنىڭ(ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتى قاتارلىقلار) قانۇنلۇق،ھەقىقىي،توغرا،ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ،شياۋمى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئاساسىي تەكشۈرۈشى،كۆرۈشى قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولمايدۇ.

10.4. بۇ دىتال باشقا ئالاقە تور دىتالىغا ئوخشاش،بەلكىم ئىشلەتكۈچى ئامىلى،تور مۇلازىمەت سۈپىتى،جەمئىيەت مۇھىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ،بەلكىم ھەرخىل بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن،مەسىلەن باشقىلارنىڭ ئىشلەتكۈچىنىڭ ماتېرىيالىنى ئىشلىتىپ،تۇرمۇشتىكى ئاۋارىچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى؛ئىشلەتكۈچى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان باشقا دىتاللار ياكى زىيارەت قىلغان باشقا توربەتتە"ترويان ۋىرۇسى" قاتارلىق ۋىرۇس بولىشى مۇمكىن،بۇلار ئىشلەتكۈچىنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە تەسىر قىلىدۇ،ھەمدە بۇ دىتالنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا ئىشلەتكۈچى بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىشى كېرەك.ئىشلەتكۈچىلەر ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلەتكۈچى ماتېرىياللىرىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشى، زىيانغا ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەخپىي نومۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.

10.5. ئىشلەتكۈچىلەر مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەن ياكى شياۋمىدىن ئالاھىدە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغاندا، مەزكۇر يۇمشاق دېتال بەلكىم ئۈچىنچى تەرەپ سىستېمىسى ياكى ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىش ياكى زىيارەت قىلىشىنى قوللىشى مۇمكىن، ئىشلىتىش ياكى زىيارەت قىلىش نەتىجىسىنى ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلەيدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر مەزكۇر كېلىشىمدىكى ئالاقىدار قائىدىلەرگە رىئايە قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۈچىنچى تەرەپ كېلىشىمى ۋە مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم چۈشىنىشى ھەم قوشۇلۇشى كېرەك، ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە، ئۈچىنچى تەرەپ ئىشلەتكۈچىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئوقۇپ چىقىشى مۇمكىن، شياۋمى ئۈچىنچى تەرەپ سىستېمىسى ياكى ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان نەتىجىنىڭ بىخەتەرلىكى، توغرىلىقى، ئۈنۈمدارلىقى ۋە باشقا ئېنىقسىز خەۋپ-خەتەرلەرگە كاپالەتلىك قىلمايدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشى كېرەك، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق تالاش-تارتىش ۋە زىيان، شياۋمى ھەر قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

10.6. شياۋمى ئابونىتلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىدۇكى ، شىركەتنىڭ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تەڭشەشتىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، شياۋمى خېرىدارلارغا مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنىپ ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ، ھەر ۋاقىت بارلىق ياكى قىسمەن يۇمشاق دېتال ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۈزۈپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق ، بۇنىڭغا قارىتا شياۋمى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

10.7. قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەندىن سىرت،شياۋمى بارلىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق يۇمشاق دىتال ۋە تېخنىكا ھەمدە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى،ئۈنۈملۈك بولىشى،توغرىلىقى،ئىشەنچىلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، لېكىن ھازىرقى تېخنىكا چەكلىمىسى سەۋەبلىك، ئىشلەتكۈچى شياۋمىنىڭ بۇنىڭغا كېپىل بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك.

10.8. ئىشلەتكۈچى تۆۋەندىكى دېيىلگەن ئەھۋاللاردا كېلىپ چىققان ئادەم يارىلىنىشى،ۋاستىلىك ئىقتىسادىي زىيان، مەسىلەن پايدا زىينى،ماتېرىيال زىينى،كەسپ ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان زىيان ياكى باشقا سودا تۆلىمى زىينى قاتارلىقلارغا،ئىشلەتكۈچى ئۆزى ئىگە بولىشى كېرەك:

(1) رۇخسەت قىلىنغان دىتالنى ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەن.

(2) ئۈچىنچى تەرەپ رۇخسەت قىلمىغان ئەپنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتكۈچى سانلىق مەلۇماتىنى ئۆزگەرتىش.

(3) ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەپنى ئىشلىتىپ ھاسىل قىلغان چىقىمى ۋە زىينى.

(4) ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەپكە بولغان خاتا چۈشىنىشى.

(5) شياۋمىدىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى يۈز بەرگەن ئەپكە مۇناسىۋەتلىك باشقا زىيان.

10.9. ئابۇنىچىلار شياۋمىنىڭ ئەدلىيە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى، نازارەت قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەلىپى ياكى ئۆزىنىڭ كەسپىي سەۋەبىگە ئاساسەن، ئابۇنىچىلارنى بارلىق ياكى قىسمەن دىتال ھەمدە ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ۋاقىتلىق توختىتىش، ئۈزۈپ قويۇش ياكى توختىتىشقا ھوقۇقلۇق.بۇنىڭغا قارىتا شياۋمى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتكە ئىگە بولمايدۇ.

10.10. ئىشلەتكۈچى شۇنىڭغا قوشۇلىشى ۋە چۈشىنىشى كېرەككى،شياۋمى سودىدىكى مۇۋاپىق تىرىشىش ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىڭ بۇ دىتالنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ،لېكىن پۈتۈنلەي ۋەدە بېرەلمەيدۇ،شۇنى چۈشىنىش كېرەككى مۇلازىمەت جەريانىدىكى سانلىق مەلۇمات ئۆچۈرۈلىشى ياكى ساقلاش ۋە زاپاسلاش مەغلۇپ بولۇشقا قارىتا شياۋمى مەسئۇل بولمايدۇ.

11. بىلىم مۇلۈك ھوقۇقى باياناتى

11.1. شياۋمى بولسا مەزكۇر يۇمشاق دىتالنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقدارى.شياۋمى بۇ ئەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقدارى. بۇ دىتالنىڭ بارلىق ئاپتورلۇق ھوقۇقى،سودا ماركىسى، پاتېنت ھوقۇقى،سودا مەخپىيەتلىكى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى،ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇر مەزمۇنى شۇ يەرلىك قانۇن قائىدىسى ۋە خەلقئارالىق شەرتنامىسىنىڭ قوغدىشىغا ئۇچرايدۇ،شياۋمى يۇقارقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىلىنىدۇ.

11.2. شياۋمىنىڭ يۈزتۇرانە قوشۇلىشىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ،ئىشلەتكۈچى ھەرقانداق سودا ياكى باشقا ئۇسۇللاردا يۇقارقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىشلىتىش،ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ،شياۋمى يۇقارقى قىلمىشلارغا قارىتا قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىدۇ.

12. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىشلىتىش باياناتى

12.1. ئەگەر ئىشلەتكۈچى 18 ياشقا توشمىغان بولسا،ھامىي قىلغۇچىنىڭ ھامىيلىقىدا،كۆرسەتمە قىلىش قىلىشى ئاستىدا بۇ كېلىشىم ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتنى ئوقۇشى كېرەك.

12.2. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئالاھىدە ئەسكەرتىشى:

12.2.1. ياش ئۆسمۈرلەر بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە ھامىيلە قىلغۇچنىڭ كۆردەتمىسى ئاساسىدا، مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە تور مۇھىتىنى توغرا ئۆگۈنىشى كېرەك، مەۋھۇم تور بوشلىقىغا كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

12.2.2. ياش ئۆسمۈرلەر چوقۇم «دۆلەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر تور مەدەنىيىتى ئەھدىنامىسى»گە رىئايە قىلىشى كېرەك:

(1) توردا ئۆگۈنۈش قىلىش،قالايمىقان مەزمۇننى كۆرمەسلىك.

(2) سەمىمىي دوستلىشىش،باشقىلارنى كەمسىتمەسلىك ئالدىماسلىق.

(3) ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،توردىكى دوستلار بىلەن خالىغانچە ئۇچراشماسلىق.

(4) تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ،تور تەرتىپىنى بۇزماسلىق.

(5) ساغلاملىققا دىققەت قىلىپ،مەۋھۇم بوشلۇققا بېرىلىپ كەتمەسلىك.

13. كېلىشىم ئۆزگۈرىشى

13.1. ئالاقە تورىغا ئالاقىدار تېخنىكا، بازار، كەسىپ ئەندىزىسى قاتارلىقلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىز قوشۇلسىڭىز، شياۋمى قانۇن-نىزاملارنىڭ ئۆزگىرىشى، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شىركەتنىڭ تىجارەت ئەھۋالى، تىجارەت تاكتىكىسىنى تەڭشەش قاتارلىق قەرەلسىز ھالدا مەزكۇر كېلىشىمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق.مەزكۇر كېلىشىمدىكى ماددىلاردا ئۆزگىرىش بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەتلەردە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى كېلىشىم ماددىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ.ئەگەر ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇنلارغا قوشۇلمىسا، خېرىدارلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ مۇلازىمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك.ئەگەر خېرىدار مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئىشلەتسە، كېلىشىم ماددىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قوبۇل قىلدى دەپ قارىلىدۇ.

13.2. شياۋمى ئېھتىياج بويىچە تەمىنلىگەن ھەق ئېلىش مۇلازىمىتى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، ھەق ئېلىش ئۇسۇلى، مۇلازىمەت ھەققى ۋە مۇلازىمەت ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق.شىياۋمى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە، بەلكىم ھازىر ياكى بۇنىڭدىن كېيىن بىر قىسىم مۇلازىمەت ئابونتلىرىدىن بەلگىلىك ھەق ئېلىشى مۇمكىن.ئەگەر ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ھەقنى تۆلەشنى رەت قىلسا، ھەق ئېلىش باشلانغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئىشلەتسە بولمايدۇ.

14. تەدبىقلىنىدىغان قانۇن ۋە تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش

14.1. بۇ كېلىشىم ماددىلىرىنىڭ كۈچى ۋە ئىزاھاتىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ.ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەر بولمىسا، خەلقئارا سودا ئادىتى / سودا ئادىتىگە تەدبىقلىنىدۇ.

14.2. بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان ئورۇن بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى

14.3. ئىشلەتكۈچى ۋە شياۋمى بۇ مۇلازىمەتتىن كېلىپ چىققان ماجرانى مۇۋاپىق كېلىشىپ ھەل قىلىشقا قوشۇلىشى كېرەك،كېلىشەلمىسە بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان قاراشلىق سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ھەل قىلسا بولىدۇ.

15. باشقىلىرى

15.1. شياۋمى ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ياكى قىسقا ئۇچۇر ياكى تور بەت ئېلانى ياكى شياۋمى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇسۇل بىلەن ئابۇنىچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ مۇلازىمەت ماددىلىرىنى ئۆزگەرتىش، مۇلازىمەتنى ئۆزگەرتىش ۋە باشقا مۇھىم ئىشلارنى ئۇقتۇرىدۇ.شياۋمى يۇقىرىقى ھەرقانداق بىر ئۇسۇل ئارقىلىق ئابۇنىچىلارغا ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىن، ئابۇنىچى ئۈچ كۈن ئىچىدە يازما شەكىلدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، يېڭى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغان مەزمۇن دەپ قارىلىدۇ.

15.2. بۇ كېلىشىمنىڭ يېڭىلانغان ۋاقتى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى.

15.3. كېلىشىمدىكى تېمىلارنى ئوقۇشقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن تەييارلىغان،ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق، بۇ كېلىشىمنى چۈشەندۈرىدىغان ئىسپات قىلىشقا بولمايدۇ.

15.4. بۇ كېلىشىمنىڭ تارماقلىرى مەيلى قانداق سەۋەبتىن بولسۇن قىسمەن جايلىرى ئىناۋەتسىز ياكى ئىجرا قىلغىلى بولمىسا، باشقا تارماقلىرى يەنىلا كۈچكە ئىگە

قوشۇمچە بىر: قىسمەن سىستېما دىتاللىرى ۋە مۇلازىمەت تىزىملىكى (بەزىلىرى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىشلەتكەن يانفون تىپىغا قاراپ قارار قىلىنىدۇ)

ئۈسكۈنە ئىشلەتكەندىكى رايونغا ئاساسەن توغرا بولغان دۆلەتنى تاللاڭ، شۇ يەرلىك قانۇن-نىزامىغا ئاساسەن، قىسمەن سەپلىمە ۋە ئەپنى سىز ئۈسكۈنە ئىشلىتىش رايونىنى تاللىغاندىن كېيىن ئاندىن يۈكلىيەلەيسىز، ئەگەر توغرا بولغان ئۈسكۈنە ئىشلىتىش رايونىنى تاللىمىسىڭىز، ئۈسكۈنىڭىز نورمال خىزمەت قىلماسلىقى مۇمكىن.

مۇلازىمەت ئىسمى ئاساسلىق ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرۇش
توركۆرگۈچ ئىشلەتكۈچىنىڭ توردا كۆرۈشىنى قوللايدۇ،ھەمدە ئۇچۇرلارنى تەۋسىيە قىلىش، سىن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، سىن مۇلازىمىتىنى شياۋمى چېڭدۇ ئۇچۇر ھەمبەھىرلەش تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ھاۋالە قىلىدۇ.
ئوقۇش توردىكى كىتاب،ئاۋازلىق ئەسەر قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇزىكىلار تورىدكى ۋە يانفوندىكى ناخشىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۇسلۇب تەگلىكى ئۇسلۇب تەگلىكى سىستېمىنىڭ خاس بېزەش مۇلازىمىتى بولۇپ، ئابۇنىچىلارنى مول، قىزىقارلىق تېما، تام قەغىزى، خەت نۇسخىسى، قوڭغۇراق قاتارلىق خاسلىققا ئىگە بېزەكلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.تېما تام قەغىزى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خاسلىققا ئىگە شياۋمى ئۈسكۈنىسىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئەپ بازىرى ئەپ دۇكىنى بولسا سىستېما شىياۋمى ئابونتلىرىغا تەمىنلىگەن بىخەتەر، ئەتراپلىق، كەسپىي App ئېلىش يولى بولۇپ، ئابونتلارنى App ئىزدەش ۋە تەۋسىيە قىلىش، App چۈشۈرۈش ۋە يېڭىلاش، App قاچىلاش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تەۋسىيە شياۋمى يوللاش (Mi Push) شياۋمى شىركىتى ئاچقۇچىلارغا تەمىنلىگەن ئۇچۇر يوللاش مۇلازىمىتى بولۇپ، بۇلۇت ئۇچى بىلەن ئابونتلار تېرمىنالى ئارىسىدا مۇقىم، ئىشەنچىلىك ئۇزۇن ئۇلىنىش ئورنىتىش ئارقىلىق، ئاچقۇچىلارنى ئابونتلار تېرمىنالىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا ئۇچۇر يوللاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاچقۇچىلارنىڭ ئابونتلارغا يېتىپ بېرىشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، App نىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.
يانفون خوجىدارى/تاختا كومپىيۇتېر خوجىدارى يانفون/تاختا كومپىيۇتېر غوجىدارى سىستېمىنىڭ يادرولۇق بىخەتەرلىك مۇلازىمەت دېتالى بولۇپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئەخلەت تازىلاش، ۋىرۇسنى سىكاننېرلاش، شەخسىي سىرنى قوغداش، ئويۇن بوشلۇقى، سىگنال بېرىش مەركىزى، قوللىنىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئابونتلارنى بىخەتەر، ئومۇميۈزلۈك ئۈسكۈنە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
سىستېما يېڭىلاش سىستېما يېڭىلاپ ROM نەشرىنى يېڭىلايدۇ.
شياۋمى ياردەمچىسى ئىشلەتكۈچىنىڭ recovery روتلىشى،سانلىق مەلۇماتنى زاپاسلاش ئەسلىگە كەلتۈرۈش،ھۆججەت باشقۇرۇش.
چۈشۈرۈش باشقۇرۇش چۈشۈرۈشنى تېزلىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ،ۋەزىپىنى كۆرسىتىدۇ. Wi-F سۈرئىتىنى سىنايدۇ،يېڭى ۋەزىپە قۇرىدۇ.
خاتىرە شياۋمى خاتىرىسى سىستېما تەمىنلىگەن ئابۇنىچىلارغا بېرىدىغان خاتىرە قورالى بولۇپ، ئادەتتىكى تېكىست خاتىرىسى ۋە تەپەككۇر خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە تېكىست خاتىرىسى مول تېكىست، ئۈن ئېلىش، قالايمىقان خەت يېزىش، تېرە قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوللايدۇ، تەپەككۇر خاتىرىسى قوللاش پروگراممىسى بىلەن مېڭە رەسىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ.شياۋمى خاتىرىسىدە خاتىرىلەنگەن مەزمۇنلار بۇلۇتنىڭ ماس قەدەمدە بولۇشىنى قوللايدۇ.شياۋمى خاتىرىسى ئابونتلارنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كەسپىي خاتىرە قورالى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئۈنئالغۇ ئۈنگە ئېلىش، قويۇش، تور ماس قەدەملەش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كومپاس كومپاس،يۆنىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شياۋئەي سەزگۈسى كود سىكانىرلاش، تەرجىمە قىلىش، رەسىمگە تارتىپ سېتىۋېلىش، تونۇش، ھۆججەت سىكانىرلاش، ئىسىم كارتىسى سىكانىرلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تەمىنلەيدىغان قورال.
كۆكچىش كۆكچىش ئۇلىنىشى،ھۆججەت يوللاش،ئاۋاز قويۇش، ئۈنلىك سۆزلىشىش،تۆۋەن قۇۋەتلىك كۆكچىش ئۇلىنىشى قاتارلىق ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا كۆكچىشتە قۇلۇپ ئېچىش، كۆكچىشتە بايقاش، كۆكچىش ئۈسكۈنىسىدە تېزدىن ئۇلىنىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۇنۋېرىسال تىزگىنەك ئۇنۋېرىسال تىزگىنەك ئەتراپىڭىزدىكى ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنى ئەپلىك باشقۇرىدۇ.ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئۈسكۈنىنى باشقۇرىدۇ: تېلېۋىزور،ھاۋا تەڭشىگۈچ،تېلىۋىزىيە قۇتىسى،شامالدۇرغۇچ شياۋمى تېلېۋىزورى.
قۇلۇپ مۇقاۋىسى قۇلۇپ ئېكران مۇقاۋىسى سىستېمىنىڭ تام قەغىزى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆرسىتىش مۇلازىمىتى بولۇپ، مەنزىرە، قىستۇرما رەسىم، سەنئەت، چولپان، كارتون، ئوماق قاتارلىق كۆپ خىل تۈردىكى نەپىس تام قەغىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئابۇنىچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئابۇنىچىلارغا ئاپتوماتىك تام قەغىزى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.قۇلۇپ مۇقاۋىسى شياۋمى ئۈسكۈنىسى ھەر قېتىم ئېچىلغاندا گۈزەللىككە تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئېكران سىنلاش ئېكران سىنىنى تەھرىرلەش ۋە يوللاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ھېسابلىغۇچ ئاددىي ھېسابلاش،باج ۋە ئۆي قەرزى ھېسابلاش.
شياۋمى يانفون ئالماشتۇرۇش شياۋمى يانفون ئالماشتۇرۇش بولسا بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇمات يۆتكەيدىغان ئەپ، ئاندرويد (باشقا زاۋۇت سودىگىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە iOS ئۈسكۈنىسىدىكى سانلىق مەلۇماتنى شياۋمى يانفونىغا يۆتكەشنى قوللايدۇ، ئىشلەتكۈچىنىڭ شياۋمى ئۈسكۈنىسىنى تېزدىن چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىدۇ.
ھۆججەت باشقۇرۇش ھۆججەت قوشۇش ئۆچۈرۈش ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.يىراقتىن ھۆججەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى (تورغا ئۇلىنىشى كېرەك).
يەتكۈزۈش ئىشىكى يەتكۈزۈش ئىشىكى سىستېمىنىڭ يېڭى AI ئەقلىي مۇلازىمىتى.ئېكراندىكى ھەرقانداق يېزىق، سۈرەتنى ئۇزۇن باسقاندا، سىستېمىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ، نۆۋەتتىكى كۆرۈنمە يۈزىدە تارماق سۆز، رەسىم، ئىزدەش، نۇسخىلاش، تەرجىمە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
تېلېفون ئاساسىي سۆزلىشىش،تورغا چىقىش،SIM كارتىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قىزىق لىنىيە مۇلازىمىتى نومۇر سۈرۈشتۇرۇش ۋە بەلگە سېلىش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى ئالاقىداش ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش.
ئۇچۇر قىسقا ئۇچۇر سىستېمىنى ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، قىسقا ئۇچۇر، رەڭلىك ئۇچۇر، تور قىسقا ئۇچۇرلىرىنى يوللاش، قوبۇل قىلىش، ئەقلىي پەرقلەندۈرۈش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.
كالېندار كالېندارنى چېسىلا كۆرۈش،ھەرخىل خاتىرە كۈنلەرنى تەكشۈرۈش،تۇرمۇش ئەسكەرتىشى ۋە مۇلازىمەتكە مۇشتەرى بولۇشقا ئىشلىتىدۇ (تورغا ئۇلاش كېرەك).
ھاۋا رايى ھاۋارايى بولساجۇغراپىيەلىك ئورۇننى ئاساسىي بىرلىك قىلىپ،مۇناسىۋەتلىك رايوننىڭ ھاۋارايى ئۇچۇرىغا ئېرىشىدىغان دىتال.
سائەت سائەتنى ۋاقىت كۆرۈش،قوڭغۇراق ئەسكەرتىشى،ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ (تورغا ئۇلىنىدۇ).
ئەقلىي ياردەمچى ئېكراننى سولغا سىيرىسىڭىز ئەقلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇرمۇش مۇلازىمەت ياردەمچىسىنى ئىشلىتەلەيسىز.ئەقلىي ياردەمچى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قولايلىق ئۇسۇلنى تەمىنلەپ، ئىشلەتكۈچىنى بىرلا قەدەمدە تۇرمۇشنىڭ دائىملىق مۇلازىمىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆرۈنۈشتىكى ئەقلىي ئىقتىدار ئىشلەتكۈچىنىڭ ئويلىغىنىنى ئويلاپ، نۆۋەتتىكى ھالەت ۋە تۇرۇۋاتقان مۇھىتقا ئاساسەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالدا مول كۆرۈنۈشلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، نۆۋەتتىكى ھەر بىر مۇھىم ئۇچۇرنى ئابۇنىچىلارنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىدۇ.
ئومۇميۈزلۈك ئىزدەش ئومۇميۈزلۈك ئىزدەش ئۈسكۈنىدىكى،سىستېمىدىكى ۋە توردىكى مەزمۇنلارنى ئىزدەش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئالبوم رەسىم ياكى سىن كۆرۈش،ئىزدەش،رەتلەش،تەھرىرلەش،ھەمبەھىرلەش،بۇلۇتقا ماس قەدەملەش،AI تۈرگە ئايرىش،ئىزدەش. چىراي ئۇچۇرىنى يىغىش.
كامېرا ئىشلەتكۈچىنى ھەرخىل رەسىمگە تارتىش ۋە سىنغا ئېلىش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تەڭشەك سىستېما ئىقتىدارىنى تەڭشەش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇلازىمەت ۋە ئىنكاس سىستېما ئىقتىدارى چۈشەندۈرۈلىشى،يولۇققان مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بېسىپ چىقىرىش كۆچمە ئۈسكۈنىنىڭ بېسىپ چىقىرىش مۇلازىمىتىگە ئۇلىنىشى، ھەمدە رەسىم، ھۆججەت بېسىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شياۋمى ھۆججەت باشقۇرغۇچ سىستېما دەرىجىلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆججەت كۆرۈش قورالى، كۆپ خىل تۈردىكى ھۆججەتنى مەخسۇس ياشاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شياۋمى ئۆزئارا يوللاش سۇپا ئاتلاپ، ماركا ئاتلاپ ھۆججەت يوللايدىغان قورال، ئەتراپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى پەيتلىك تەكشۈرۈپ، بىر كونۇپكىدا ھەرخىل ھۆججەتلەرنى ئەۋەتكىلى بولىدۇ.
ئېكرانغا يوللاش بىر كونۇپكىدا ئۈسكۈنە ئېكرانىدىكى مەزمۇننى تېلىۋېزور، پرويېكسىيە قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە يوللايدۇ، كىچىك كۆزنەكتە ئېكرانغا يوللاش، شەخسىيەتلىكنى قوغداش، ئۆچۈك ئېكراندا يوللاش قاتارلىق سەمىمىي ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شياۋمى ساغلاملىقى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ساغلاملىق پائالىيىتى، ساغلاملىق ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ، ساغلاملىق تەكلىپ پىكىرى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى.
قېنىق رەڭ ھالىتى سىستېمىنىڭ بىر خىل كۆرسىتىش ئۇسلۇبى بولۇپ، ئېچىلغاندىن كېيىن سىستېما قوللىنىشى ۋە قىسمەن ئۈچ تەرەپ قوللىنىشى قېنىق رەڭلىك ئۇسلۇب بولۇپ كۆرۈنىدۇ.تېخىمۇ كۆز ئاسرايدۇ، توك تىجەيدۇ، تېخىمۇ ئالاھىدە.
ئېكران ھالقىپ ھەمكارلىشىش مۇلازىمىتى شياۋمى ئۈسكۈنىسى بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ئۈسكۈنە ئەينەك تەسۋىرى، ئۇقتۇرۇش ماس قەدەملىكى، كېسىش تاختىسى ماس قەدەملىكى، تور كۆرگۈچ كۈچ ئۇلاش، ئەمەلىي كۈچ ئۇلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەزمۇنلار مەزمۇن مەركىزى كۆپ يوللۇق مەزمۇن ۋە مۇلازىمەتنى توپلايدىغان سۇپا.ئىشلەتكۈچىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق سۈرەت، يېزىق، كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇن ۋە مۇلازىمەتنى بىر جايدا كۆرەلەيدۇ، يەنە كۈندىلىك قىزىق نۇقتىلىق مەخسۇس تېمىلار ياكى ئابۇنىچىلار قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلالايدۇ.
شياۋئەي سۆزلىشىش شياۋئەي سۆزلىشىش، AI ئاپتوماتىك تېلېفون قوبۇللاش، چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئاۋارىگەرچىلىكتىن ساقلىنىش.يەنە ئىشلەتكۈچى ئاۋازلىق سۆزلىشىشكە قولايسىز بولغاندا، تېكىست ئارقىلىق تېلېفون قوبۇل قىلسا بولىدۇ.
تورخەت ئاددىي بولغان تورخەت تېرمىنالى، ئۈنۈملۈك تورخەت خوجىدارى.ئوخشىمىغان سۇپىدىكى تورخەت ھېساباتىنىڭ تورخېتىنى يىغىپ ئەۋەتىدۇ، ئوخشىمىغان ھېساباتقا ئەسكەرتىش تەڭشەشنى قوللايدۇ، ھەمدە مول بولغان تورخەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شياۋئەي تەرجىمىسى سىستېما دەرىجىلىك تەرجىمە قورالى بولۇپ، خەت/ئاۋازلىق تەرجىمە، ئۈن تەرجىمىسى، ئېكران تەرجىمىسى، رەسىم تەرجىمىسى ۋە پەيتلىك خەت ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شياۋمىنىڭ ئۆزى ياسىغان ماشىنا تەرجىمە تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەرخىل مۇھىتتىكى ئەقلىي تەرجىمە بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ جەدۋەلدە كۆرۈنگەن مەزمۇندىن پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، شياۋمى مەشغۇلات سىستېمىسى ئەمەلىي قوللايدىغان يۇمشاق دىتال ۋە مۇلازىمەت ئۈسكۈنە نۆۋەتتە تەمىنلىگەن مەزمۇننى ئۆلچەم قىلىدۇ.